ئىبراھىم كالىن ئامېرىكادا قاراباغنىڭ ئازاد قىلىنىشىنىڭ ئەھمىيىتى ئۈستىدە توختالدى

جۇمھۇر رەئىسلىك باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن قاراباغنىڭ ئازاد قىلىنىشى بىلەن تارىختا يېڭى بىر سەھىپە ئېچىلغانلىقىنى ئېيتتى.

1753006
ئىبراھىم كالىن ئامېرىكادا قاراباغنىڭ ئازاد قىلىنىشىنىڭ ئەھمىيىتى ئۈستىدە توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكالىق مۇسۇلمانلارنىڭ نۇقتىلىق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان «MAS-ICNA» قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئامېرىكاغا يېتىپ بارغان ئىبراھىم كالىن، تۈركىيەنىڭ چىكاگو باش كونسۇلخانىسىدا ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق تۈركىيە پۇقرالىرى بىلەن كۆرۈشتى.

ئىبراھىم كالىن تۈركىيە - ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق نۇقتىئىنەزىرىنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان دەرىجىدە ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، تالاش - تارتىشلىق مەسىلىلەردىن باشقا يەنە، تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا داۋاملىق بىرلىكتە خىزمەت قىلىدىغان ۋە قوشۇلىدىغان ساھەلەرنىڭمۇ بارلىقىنى تەكىتلىدى.

ئىبراھىم كالىن بىر سوئالغا  جاۋاپ بېرىپ، ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق ئەرمېنىيە لوبىسىنىڭ تۈركىيەگە قارشى تۇرۇشنى ئۆزلىرىگە نىسبەتەن كىملىكلىرىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندۇرۇۋىلىشقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «كاۋكاز رايونىدا باشقىچە بىر جەريان ئىلگىرىلىمەكتە، ھازىر بۇ دىئاسپورانىڭ بارلىق ئېنېرگىيەسى ۋە نەزىرىيەسىنى بەرپا قىلغان قۇرۇلما يىمىرىلىش ئالدىدا تۇرماقتا. مۇنداقچە ئېيتقاندا، تۈركىيە-ئەرمېنىيە ياكى تۈركلەر-ئەرمەنلەر توقۇنۇشى ئەمدىلىكتە كاۋكاز رايونىدا ئاخىرلىشىش ئالدىدا تۇرىدۇ. قاراباغنىڭ ئازاد قىلىنىشى بىلەن مۇستەقىللىقىغا ئېرىشىپ، ئەزەربەيجان زېمىنىغا قوشۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ئۇ يەردە تارىختا يېڭى بىر سەھىپە ئېچىلغان بولدى» دېدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر