ئەردوغان غازىئانتەپتە ئىشچىلار بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سانائەتچىلەر، كارخانىچىلار ۋە سودىگەرلەرنى تېخىمۇ كۆپ خىزمەتكە ئورۇنلىشىش ئىمكانىيىتى يارىتىش ۋە تېخىمۇ كۆپ ئىشلەپچىقىرىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەشكە ئىلھاملاندۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1752630
ئەردوغان غازىئانتەپتە ئىشچىلار بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان غازىئانتەپتە كەچلىك زىيەپەتتە ئىشچىلار بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.

ئەردوغان ئىشچىلارغا خىتاب قىلىپ، غازىئانتەپنىڭ مەبلەغ سېلىش، خىزمەت ئىمكانىيىتى يارىتىش، ئىشلەپچىقىرىش، ئېكسپورت ۋە ھازىرقىدەك قىزىل رەقەمنى تۆۋەنلىتىش بىلەن تۈركىيەنى تەرەققىي قىلدۇرۇش نىشانىدىكى باشلامچى شەھەرلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغانلىقىنى ئېيتتى.

تارىخ، مەدەنىيەت ۋە قېرىنداشلىق شەھىرى بولغان غازىئانتەپنىڭ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئەمگەك شەھىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن تۈركىيەدە، رايوندا ۋە دۇنيادا ئۈلگە كۆرسىتىلگەن شەھەرگە ئايلانغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئەردوغان: «تۈركىيە توختاپ تۇرمايدۇ، تۈركىيە سەكرەپ ئىلگىرىلىمەكتە، غازىئانتەپ 12 مىليارد دوللارلىق ئېكسپورتنى ئىشقا ئاشۇرغان شەھەرگە ئايلاندى» دېدى.

ئەردوغان سانائەتچىلەر، كارخانىچىلار ۋە سودىگەرلەرنى تېخىمۇ كۆپ خىزمەتكە ئورۇنلىشىش ئىمكانىيىتى يارىتىش ۋە تېخىمۇ كۆپ ئىشلەپچىقىرىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەشكە ئىلھاملاندۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭمۇ ئاققۇزغان تەرلىرىنىڭ ھەققىنى بېرىدىغان مائاش سىياسىتى بىلەن قوللىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر