ئەردوغان تۈرك يەھۇدىي جەمئىيىتى ۋە ئىسلام دۆلەتلىرى ھاھاملار ئىتتىپاقى ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى

ئەردوغان:«پەلەستىن مەسىلىسىدىكى قەدەملەر،پەقەت پەلەستىنلىكلەرگىلا ئەمەس،بەلكى ئىسىرائىلىيەنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىغىمۇ ھەسسە قوشىدۇ. قۇددۇستا بارلىق دىنىي گۇرۇپپىلىرىنىڭ سەزگۈرلۈكلىرىنى كۆزىتىدىغان ھەل قىلىش چارىسىنىڭ تېپىلدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دېدى.

1751420
ئەردوغان تۈرك يەھۇدىي جەمئىيىتى ۋە ئىسلام دۆلەتلىرى ھاھاملار ئىتتىپاقى ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈنۈگۈن (2021-يىلى 22-دېكابىر) تۈرك يەھۇدىي جەمئىيىتى ۋە ئىسلام دۆلەتلىرى ھاھاملار ئىتتىپاقى ئەزالىرىنى جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا قوبۇل قىلدى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «بولۇپمۇ، غەرب دۆلەتلىرىدە كۈچىيىۋاتقان ئىسلام دۈشمەنلىكى، ئانتىسېمىتىزم (يەھۇدىي دۈشمەنلىكى) غا قارشى تۇرۇش ۋە چەت ئەللىكلەرگە ئۆچمەنلىك قىلىشقا قارشى كۈرەشتە ھەمكارلىشىشىمىز كېرەك. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە يەنە، ئوتتۇرا شەرقتە تىنچلىق ۋە مۇقىملىق مۇھىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز كېرەك. ئۈچ ساماۋى دىننىڭ مۇقەددەس جايلىرىغا ۋە ساماۋى دىنلارغا ساھىبخانلىق قىلغان بۇ قەدىمكى جۇغراپىيەلەردە يىرىكچىلىك، توقۇنۇش ۋە قالايمىقانچىلىقلارنى كۆرۈشنى ھەرگىز خالىمايمىز. تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى، ئوخشىمىغان دىن، تىل ۋە مىللەتلەرگە ئىگە بولغان جەمئىيەتلەر تىنچلىق ئىچىدە بىرلىكتە ياشايدىغان ئوتتۇرا شەرق. بىزنىڭ ئىسىرائىلىيە ھۆكۈمىتىگە قاراتقان ئاگاھلاندۇرۇشلىرىمىز، مەسىلىلەرگە ئوتتۇرا شەرقنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقى نۇقتىسىدىن قارىشىغا ياردەمچى بولۇش ئۈچۈندۇر. قۇددۇسنى ئاساس قىلغان پەلەستىن مەسىلىسىدە بېسىلىدىغان قەدەملەر، پەقەت پەلەستىنلىكلەرنىڭلا ئەمەس، بەلكى ئىسىرائىلىيەنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىغىمۇ ھەسسە قوشىدۇ. ئىسىرائىلىيە پىرېزىدېنتى ھۆرمەتلىك ھېرزوگ (Herzog) بىلەن بولسۇن ياكى ھۆرمەتلىك باش مىنىستىر بېننېت بىلەن بولسۇن، قايتىدىن جانلانغان دىيالوگىمىزغا، بۇ نۇقتىدىن ئەھمىيەت بېرىمەن» دېدى.

ئۇ ئىسىرائىلىيەنىڭ تىنچلىق تىرىشچانلىقلىرى نۇقتىسىدا سەمىمىي ۋە ئىجابىي پوزىتسىيە نامايان قىلىشىنىڭ، نورماللىشىش مۇساپىسىغا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «قۇددۇستا بارلىق دىنىي گۇرۇپپىلارنىڭ سەزگۈرلۈكلىرىنى كۆزىتىدىغان ھەل قىلىش چارىسىنىڭ تېپىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. تۈركىيە-ئىسىرائىلىيە مۇناسىۋەتلىرى رايونىمىزنىڭ مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ مەسىلىدە، بولۇپمۇ سىلەرنىڭ قوللىشىڭلارنى مۇھىم دەپ قارايمەن. ھەمكارلىقلىرىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا، يۇقىرى يوشۇرۇن كۈچىمىزدىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىشقا تەييارمىز. ئۇچىرىشىشلىرىمىزنى ۋە دىيالوگلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىمەن، چۈنكى بۇنىڭ ئورتاق مەنپەئەتلىرىمىزگە پايدىلىق ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر