تۇركوۋاك ۋاكسىنىسى جىددىي ئىشلىتىلىش ئىجازەتنامىسىگە ئېرىشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈركىيە تەرەققىي قىلدۇرغان يۇقۇم ۋاكسىنىسى — تۇركوۋاكنىڭ جىددىي ئىشلىتىلىش ئىجازەتنامىسىگە ئېرىشكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۇركوۋاكنىڭ جىددىي ئىشلىتىلىش ئىجازەتنامىسىنىڭ چىقىشى ۋە تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىشنى باشلاش مۇراسىمىغا سىن كۆرۈنۈشلۈك ھالەتتە قاتنىشىپ سۆز قىلدى ۋە سۆزىدە: «تېگىشلىك ماقۇللۇقلارنى ئېلىپ، ئىشلىتىلىش باسقۇچىغا كەلگەن تۇركوۋاك ۋاكسىنىمىز، خەلقىمىزنى يۇقۇمدىن ئۈنۈملۈك قوغداش تىرىشچانلىقىمىزنىڭ سىمۋولىدۇر. تۇركوۋاكنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن بىرلىكتە بۇ ۋاكسىنىمىزنى پۈتكۈل ئىنسانىيەت بىلەن ئورتاقلىشىدىغانلىقىمىزنىڭ شاتلىقىنى باشتىن كەچۈرمەكتىمىز... دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلىدىغان ھالەتكە كەلگەن بولۇشى ئىنتايىن مۇھىم. ئۆزىمىزنىڭ ئالىم ۋە تەتقىقاتچىلىرىمىز تەرىپىدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشى تېخىمۇ مۇھىم. يەرلىك ۋاكسىنىمىزنىڭ تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىشقا باشلايدىغان بولۇشىدىن سۆيۈندۇق. شۇنداق قىلىپ، پۇقرالىرىمىزغا سىنوۋاك ۋە بىئونتېك ۋاكسىنىلىرىدىن كېيىن تۇركوۋاكنىمۇ سۇنىمىز... بىز تۇركوۋاكنى ئىشلەپچىقىرىپ پۈتكۈل ئىنسانىيەت بىلەن ئورتاقلىشىشنى خالايمىز. مەن تۇركوۋاك ۋاكسىنىسىنىڭ دۆلىتىمىز، مىللىتىمىز ۋە پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە پايدىلىق بولۇشىنى تىلەيمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجامۇ مۇراسىمدا سۆز قىلىپ، تۇركوۋاكنىڭ كېلەر ھەپتىدىن باشلاپ كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى ۋە «بۈگۈندىن باشلاپ بىز كوۋىد -19 ۋاكسىنىسى ئىشلەپچىقىرىدىغان 9 دۆلەتنىڭ بىرىگە ئايلاندۇق» دېدى.