ئالتۇن: جۇمھۇر رەئىسىمىز ھەر دائىم خەلقنىڭ ھەق - ھوقۇقىنى ئاساسىي ئورۇنغا قويۇپ كەلدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ھەر دائىم خەلقنىڭ ھەق – ھوقۇقىنى ئاساسىي ئورۇنغا قويۇپ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.

1750411
ئالتۇن: جۇمھۇر رەئىسىمىز ھەر دائىم خەلقنىڭ ھەق - ھوقۇقىنى ئاساسىي ئورۇنغا قويۇپ كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فاھرەتتىن ئالتۇن ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسىدىكى ئادرېسىدا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان توغرىسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، (ئۇنىڭ ئىقتىسادىي ساھەدە تاشلىغان قەدەملىرى ۋە دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ گۈللىنىشىگە قوشقان تۆھپىسىگە ئىشارەت قىلغان ھالدا): «جۇمھۇر رەئىسىمىز رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ھەر دائىم بۇ ئېسىل خەلقىمىزنىڭ ھەق – ھوقۇقىنى ياقلاپ كەلدى. ئۇنىڭ كۈچلۈك ۋە قەتئىي كۈرىشىنىڭ مەركىزىدە خەلقىمىزنىڭ باياشاتلىقىنى كاپالەتلەندۈرۈش، دۆلىتىمىزنى بېقىندىلىق قىلتىقىدىن قۇتۇلدۇرۇش ياتىدۇ. يولىدىن قەتئىي قايتمىدى ۋە شۇكۇرلەر بولسۇنكى، يەنە ئورۇنلۇق بولۇپ چىقتى دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر