ئەلمەنغۇش: تۈركىيە ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك شېرىكى
لىۋىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نەجلا ئەلمەنغۇش، تۈركىيەنىڭ ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە سودا ساھەسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
1749290

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن 3 - نۆۋەتلىك تۈركىيە - ئافرىقا ھەمكارلىقى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەنغۇشنىڭ يىغىندىكى سۆزىدە: «تۈركىيە بىلەن ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئۆزئارا سودا مۇناسىۋىتى ئۇزۇن يىللارغا سوزۇلىدۇ، ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ 2008 – يىلى تۈركىيەنى ئافرىقا قىتئەسىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھى دەپ جاكارلىشى بىلەن، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىي ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەر جانلاندى» دېگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.