ئەردوغان خەلقئارا ئىستراتېگىيەلىك ئۇچۇر - ئالاقە يىغىنىغا تېلېگرامما يوللىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ھەقىقەت ۋە پاكىتلارنىڭ يالغانچىلىق بىلەن بۇرمىلىنىشىغا يول قويمايدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1746065
ئەردوغان خەلقئارا ئىستراتېگىيەلىك ئۇچۇر - ئالاقە يىغىنىغا تېلېگرامما يوللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا ئىستراتېگىيەلىك ئۇچۇر - ئالاقە يىغىنى (Stratcom Summit '21) غا سىن كۆرۈنۈشلۈك تېلېگرامما يوللىدى.

تېلېگراممىسىدا، تېخنىكىلىق تەرەققىياتنىڭ سۈرئىتى ئاشقان رەقەملىشىش ئىجتىمائىي ۋە كىشىلىك تۇرمۇشقا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىۋاتقان بىر دەۋرنىڭ باشتىن كەچۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان: «بۇ جەرياندا ئىستراتېگىيەلىك ئۇچۇر - ئالاقە پائالىيىتىنىڭ ئەھمىيىتىنى بارغانسېرى كۈچەيتمەكتە. ئىجتىمائىي ئالاقە قاناللىرىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، يالغان، ساختا، ئۇيدۇرما خەۋەرلەرنىڭ تېز تارقىلىۋاتقانلىقىنى كۆرمەكتىمىز. ئۈنۈملۈك كونترول مېخانىزمى بولمىغان بۇ قاناللاردىن تارقالغان بۇنداق خەۋەرلەر سەۋەبىدىن مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى زۇلمەتكە ئايلانماقتا. تۇنجى ئوتتۇرىغا چىققان چاغلىرىدا ئەركىنلىكنىڭ سىمۋولى دەپ تەسۋىرلەنگەن ئىجتىمائىي تاراتقۇ، زامانىمىز دېموكراتىيەسى ئۈچۈن ئاساسلىق تەھدىت مەنبەسىگە ئايلانماقتا» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

تۈركىيەگە ئوخشاش دۇنيانىڭ تەرەققىي قىلغان دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭمۇ رەقەملىك فاشىزم ۋە ساختا خەۋەرلەر ئەۋج ئېلىۋاتقان ھازىرقىدەك پەيتتە ھوشيارلىقنى ئۆستۈرگەنلىكىنى بايان قىلغان ئەردوغان: «پۇقرالىرىمىزنىڭ توغرا ۋە بىتەرەپ خەۋەرلەرگە ئېرىشىش ھوقۇقىغا دەخلى قىلمىغان ئاساستا، خەلقىمىزنى، بولۇپمۇ جەمئىيىتىمىزنىڭ ئاجىز قاتلاملىرىنى قوغداشقا تىرىشىۋاتىمىز » دېدى.

«دۇنيادىكى ياخشى مىساللارغا ئاساسەن، زۆرۈر بولغان قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملارنى ئۆزىمىزنىڭ ئېھتىياجى دائىرىسىدە يولغا قويۇۋاتىمىز» دېگەن ئەردوغان: «بىز شۇنى تەكىتلەيمىزكى، ھەر قانداق بىر شىركەتنىڭ مالىيە كۈچى، خەلقئارالىق ئورنى ۋە تەلىپى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، قانۇندىن ئۈستۈن بولمايدۇ. ئۆزىنى دۇنياۋى دەپ قاراۋاتقان تورلارغا قارىماي، ئوچۇق ۋە پاكىز ئالاقە ئۇسۇلى بىلەن كۈرىشىمىزنى قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز. بىز ھەقىقەت ۋە پاكىتلارنىڭ يالغانچىلىق بىلەن بۇرمىلىنىشىغا قەتئىي يول قويمايمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر