خەلقئارا ئىستراتېگىيەلىك ئۇچۇر - ئالاقە يىغىنى ئىستانبۇلدا باشلاندى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى ئۇيۇشتۇرغان ئىككى كۈنلۈك خەلقئارا ئىستراتېگىيەلىك ئۇچۇر - ئالاقە يىغىنى (Stratcom Summit '21) باشلاندى.

1746057
خەلقئارا ئىستراتېگىيەلىك ئۇچۇر - ئالاقە يىغىنى ئىستانبۇلدا باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىستانبۇل خالىچ قۇرۇلتاي مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىستراتېگىيەلىك ئالاقە مۇھىتى شەكىللەندۈرىدىغان باشلامچى سۇپا بولۇشنى نىشان قىلغان بۇ باشلىقلار يىغىنى،  دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئالاقە ساھەسى مۇتەخەسسىسلىرىنى بىر يەرگە جەم قىلىدۇ.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سىن كۆرۈنۈشلۈك تېلېگرامما ئارقىلىق ئىشتىراك قىلىدىغان يىغىننىڭ ئېچىلىشىدا، جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇنمۇ سۆز قىلدى.

ئالتون سۆزىدە، يېڭى ئالاقە قوراللىرى شەكىللەندۈرگەن بۇ تور دۇنياسىدىكى ئەڭ چوڭ مەسئۇلىيەتلەرنىڭ بىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە شىركەتلىرىگە يۈكلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «بۇ شىركەتلەرنىڭ سىستېمىلىق خاتا ئۇچۇر ۋە قارىلاش سەپەرۋەرلىكلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان يەرشارىۋى زىيانغا سۈكۈت قىلماسلىقىمىز كېرەك. ئەپسۇسكى بۇ شىركەتلەر، ئۆزلىرى يارىتىۋالغان بىر چېقىلالماسلىق قالقىنىدىن بەھرىمەن بولماقتا... يېقىنقى يىللاردىكى بەزى دۆلەتلەردە يۈز بەرگەن مالىمانچىلىقلار بۇ ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىنىڭ <سۇيىقەست نەزەرىيەلىرىنى تارقاتقۇچى>، <يالغان خەۋەرلەرنى ئالدىنقى ئورۇنغا چىقارغۇچى>، <جەمئىيەتنى كۈشكۈرتكۈچى>، ھەتتا <رادىكاللاشتۇرغۇچى> تەسىرلىرىنى نامايان قىلىپ بەردى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئاكادېمىك ئورۇنلار، ئاقىللار ئامبارلىرى، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى، ئاخبارات، خۇسۇسىي ئىگىلىك، ئاممىۋى ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى قاتنىشىدىغان ئىككى كۈنلۈك يىغىندا 23 دۆلەتتىن كەلگەن جەمئىي 121 نۇتۇق سۆزلىگۈچى ۋە 3000 دىن ئارتۇق مېھمان ئۆزئارا ئۇچرىشىدۇ.

نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ئالاقە ئىستراتېگىيەسىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان بىيۇروكراتلىرى يىغىنىدا ئۆزلىرىنىڭ تەجرىبىلىرىنى ئورتاقلىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر