يەنە بىر تېررورچى خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولدى

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك دىن قاچقان بىر تېررورچى خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولدى.

1745273
يەنە بىر تېررورچى خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ژاندارما قوماندانلىق مەركىزى بىلەن جامائەت خەۋپسىزلىك باش ئىدارىسىنىڭ ھەمكارلىشىپ ئېلىپ بارغان تەسلىم بولۇشقا قايىل قىلىش خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىدىن قاچقان بىر تېررورچىنىڭ بۈگۈن خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولغانلىقىنى، مەزكۇر تېررورچىنىڭ 1989 – يىلى تەشكىلاتقا قاتنىشىپ ئىراقتىكى تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە ئىشتىراك قىلغانلىقىنىڭ ئېنىقلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

داۋاملىشىۋاتقان قايىل قىلىش خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە مۇشۇ يىلنىڭ بېشىدىن بۇيان تەسلىم بولغان تېررورچىلار ئومۇمىي سانى 188 گە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر