شەنتوپ: ئاز سانلىق مۇسۇلمان مىللەتلەر زۇلۇمغا، زوراۋانلىققا دۇچ كېلىۋاتىدۇ

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپ ئاز سانلىق مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ زوراۋانلىق، زۇلۇم ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇ ھەقتە ھەرىكەتكە ئۆتۈش مەجبۇرىيەتلىرىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.

1745335
شەنتوپ: ئاز سانلىق مۇسۇلمان مىللەتلەر زۇلۇمغا، زوراۋانلىققا دۇچ كېلىۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شەنتوپ، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر پارلامېنتلار بىرلىكىنىڭ 16 – نۆۋەتلىك يىغىنى دائىرىسىدە، ئىستانبۇل قۇرۇلتاي مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر پارلامېنتلار بىرلىكى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ 46 – نۆۋەتلىك  يىغىنىغا ئىشتىراك قىلدى.

يىغىنغا ئۈچىنچى قېتىم ۋە ئارىدىن 6 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ساھىبخانىلىق قىلغانلىقلىرى ۋە نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالغانلىقلىرى ئۈچۈن ئىنتايىن خۇرسەن ئىكەنلىكلىرىنى ئەسكەرتكەن شەنتوپ، نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى  مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتىگەنلىكى سەۋەبلى بۇركىنا فاسونى تەبرىكلىدى.  

دۇنيادا تېز سۈرئەتتە ئەۋج ئېلىپ كېتىۋاتقان ئىسلام دۈشمەنلىكى، چەت ئەللىكلەرگە ئۆچمەنلىك قىلىش، خۇش پېئىلسىزلىق ۋە ئىرقچىلىق قاتارلىق ئىجتىمائىي كېسەللىكلەرگە بولغان تونۇشنى ئۆستۈرۈش مەجبۇرىيىتى بارلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن شەنتوپ، بولۇپمۇ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر پارلامېنتلار بىرلىكىگە ئەزا بولمىغان دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئاز سانلىق مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ، زوراۋانلىق، زۇلۇم ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر پارلامېنتلار بىرلىكى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ ھەقتە ھەرىكەتكە ئۆتۈش مەجبۇرىيىتى بارلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر پارلامېنتلار بىرلىكى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بۇ ھەقتە ھەرىكەتكە ئۆتۈش، ئاشۇ قېرىنداشلىرىمىزغا ياردەم قولىمىزنى سۇنۇش، ئۇلارنىڭ ساداسى بولۇش، قىيىنچىلىقلىرىنى، دەرد – ئەلەملىرىنى پۈتكۈل جاھانغا ئاڭلىتىش مەجۈرىيىتىمىز باردۇر.»

ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر پارلامېنتلار بىرلىكىنىڭ 13-ماددىسىنىڭ 7-تارمىقى رامكىسى ئىچىدە سىياسىي ۋە تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىدا مەخسۇس كومىتېت قۇرۇش تەكلىپى سۇنغان شەنتوپ، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «مۇسۇلمانلار ئاز سانلىق مىللەت سۈپىتىدە ياشاۋاتقان دۆلەتلەردىكى كىشىلىك ھەق – ھوقۇق مەسىلىلىرىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن قۇرۇلىدىغان بۇ كومىتېتنىڭ، مەزكۇر مەسىلىلەرنى يېقىندىن ۋە رەسمىي تەكشۈرۈش ئىمكانىيىتى بولىدۇ، بۇ كومىتىت بۇ ھەقتە ئېلان قىلىدىغان دوكلاتلار ئارقىلىق  مەزكۇر مەسىلىلەرنى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر