قاتار – تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا 15 كېلىشىم ئىمزالاندى

قاتاردا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھەمەد ئالسانىمۇ ئىشتىراك قىلغان مۇراسىمدا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا 15 كېلىشىم ئىمزالاندى.

1744248
قاتار – تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا 15 كېلىشىم ئىمزالاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھەمەد ئالسانى، ئەتىگەن تەرەپلەردە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى پايتەخت دوھادا رەسمىي مۇراسىم ئارقىلىق قارشى ئالغان، ئىككى رەھبەر كېيىنچە ئايرىم كۆرۈشكەنىدى.

ئۇچرىشىشتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھەمەد ئالسانىنىڭ ھۇزۇرىدا 15 كېلىشىم ئىمزالاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر