جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان پىروفېسسور شابان تېئومان دۇرالىنىڭ ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن تېلېگرامما تارقاتتى
جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى مەدەنىيەت – سەنئەت مۇكاپاتى ساھىبى پىروفېسسور دوكتور شابان تېئومان دۇرالى 74 يېشىدا بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالاشتى.
1744014
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نويابىر ئېيىدا راك كېسەللىكى سەۋەبىدىن ئىككى قېتىم ئوپېراتسىيە قىلىنغان دۇرالى ئىستانبۇلدىكى ئۆيىدە ئالەمدىن ئۆتتى.
خېلىدىن بۇيان تۈركىيە رادىيو – تېلېۋىزىيە ئىدارىسى — ت ر ت نىڭ ت ر ت 2 قانىلىدا «پەلسەپە سۆھبەتلىرى» پىروگراممىسىنى تەقدىم قىلىپ كېلىۋاتقان دۇرالى، 2000 – يىلى ھازىرقى دۇنيا مەدەنىيىتى ناملىق ئەسىرى بىلەن تۈركىيە يازغۇچىلار بىرلىكىنىڭ تەتقىقات مۇكاپاتىغا لايىق كۆرۈلگەنىدى.
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئىلىم – پەن، تېخنولوگخيە ۋە يېڭىلىق سىياسەتلىرى ئورگىنىنىڭ ئەزاسى پىروفېسسور دوكتور شابان تېئومان دۇرالىنىڭ ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن تەزىيە تېلېگراممىسى تارقاتتى.
دۇرالىنىڭ تۈركىيە پىكىر دۇنياسىنىڭ مۇھىم بايلىقلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان تېلېگراممىسىدا: «شۇنداقلا ئىلىم – پەن، مەدەنىيەت ساھەسىدە جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىنىڭ 2021 – يىللىق مەدەنىيەت – سەنئەت چوڭ مۇكاپىتىنى ئالىدىغان كىشىلەرنىڭ بىرى بولغان ئۇستازىمىزنىڭ ئەسەرلىرى، يېتىشتۈرگەن ئوقۇغۇچىلىرى، سۆھبەتلىرى، دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى تەتقىقاتلىرى بىلەن تەپەككۇر دۇنيامىزغا ئۇنتۇلماس خىزمەتلەرنى قالدۇردى. پىروفېسسور دوكتور شامان تېئومان دۇرالى ئۇستازىمىزغا ئاللاھتىن مەرھەمەت، ئائىلىسى، ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئىخلاسمەنلىرىگە سەۋر تىلەيمەن» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.