تۈركىيە جەنۇبىي قىبرىستىكى جامەگە قىلىنغان ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلىدى

تۈركىيە جەنۇبىي قىبرىس رۇم تەرەپ ھاكىمىيىتى رايونىدىكى لارناكا جامەسىگە قىلىنغان ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

1743351
تۈركىيە جەنۇبىي قىبرىستىكى جامەگە قىلىنغان ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىدا: جەنۇبىي قىبرىس رۇم تەرەپ ھاكىمىيىتى رايونىدىكى لارناكا جامەسىگە ئوت قويۇپ بېرىش ۋەقەسىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز» دېيىلدى.

باياناتتا يەنە: «ئىسلامغا ئۆچمەنلىك قىلىشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مىساللىرىدىن بىرسى بولغان بۇ ۋە بۇنىڭغا ئوخشاش ھەرىكەتلەر يالغۇز مۇسۇلمانلارنىلا ھۇجۇم نىشانى قىلغان بولماستىن، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممەت قارىشلىرىغىمۇ تەھدىت سالماقتا. بەزىلەرنىڭ تىنچلىق ئىچىدە بىرلىكتە ياشاش ئېڭىدىن نە قەدەر يىراقتا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر