جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان قاتارغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان پايتەخت دوھادا قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھەمەد ئالسانى تەرىپىدىن رەسمىي مۇراسىم ئارقىلىق قارشى ئېلىنىدۇ.

1743687
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان قاتارغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، قاتارغا قاراپ يولغا چىقىش ھارپىسىدا، ئىستانبۇلدا ئاتاتۈرك ئايرودۇرۇمىدا ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، دوستلۇق ۋە ئىستىراتېگىيەلىك نۇقتىئىنەزەرگە ئاساسلىنىدىغان تۈركىيە – قاتار مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كۈنسېرى تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ ھەقتە يېقىنقى يىللاردا كۆزگە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىنى  ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈركىيە بىلەن قاتارنىڭ ئۆز مەيدانلىرىدا ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى، ئىقتىسادتىن دۆلەت مۇداپىئەسىگىچە، سودا – ئىقتىسادتىن سېلىنمىغىچە «ھەممە تەرەپ قازىنىش» ئاساسىدا كۈچەيتىۋاتقانلىقلىرىنى، قاتاردىن سىرت يەنە، پارىس قولتۇقىدىكى باشقا دۆلەتلەرمۇ بىلەنمۇ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «پارىس قولتۇقىدا دىيالوگ ئىشىكلىرىنىڭ قايتا ئېچىلىشى ۋە خاتا چۈشىىنىپ قېلىش ئەھۋاللىرىغا خاتىمە بېرىلىشى يولىدا داۋاملاشتۇرۇلۇۋاتقان دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلاردىن ئىنتايىن خۇرسەنمىز، تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، پارىس قولتۇقىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقىمىز، ھەمراھلىقىمىز ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى مۇناسىۋەتلىرىمىزنىڭ يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈلۈشىنى خالايمىز.»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن كېيىن، قاتارغا قاراپ يولغا چىقتى.

ئەردوغان،  پايتەخت دوھادا قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھەمەد ئالسانى تەرىپىدىن رەسمىي مۇراسىم ئارقىلىق قارشى ئېلىنىدۇ.

ئىككى رەھبەر، مۇراسىمدىن كېيىن، ئايرىم كۆرۈشىدۇ. تۈركىيە-قاتار مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بارلىق ساھەلىرى بويىچە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدىغان ئۇچرىشىشتا، ئافغانىستان، سۈرىيە ۋە لىۋىيە مەسىلىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايونلۇق ئۆزگىرىشلەر ئۈستىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلىدۇ.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ قاتار زىيارىتى جەريانىدا، مەۋجۇت ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدىغان قەدەملەرمۇ تاشلىنىدۇ.

بۇ دائىرىدە، 7 – نۆۋەتلىك تۈركىيە-قاتار  ئىستىراتېگىيەلىك ئالىي ھەمكارلىق كېڭىشى يىغىنى چاقىرىلىدۇ.

ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا، تۇنجى قېتىم  2015 – يىلى چاقىرىلغان كېڭەش يىغىنلىرى نەتىجىسىدە، سودا – ئىقتىسادتىن ئېنېرگىيەگىچە، دۆلەت مۇداپىئەسىدىن سانائەتكىچە كۆپلىگەن ساھەلەردە 62 كېلىشىم ئىمزالانغانىدى.

ئەردوغان بىلەن ئالسانى رىياسەتچىلىك قىلىدىغان 7 – نۆۋەتلىك تۈركىيە-قاتار ئىستىراتېگىيەلىك ئالىي ھەمكارلىق كېڭىشى يىغىندىمۇ تۈرلۈك كېلىشىملەر ئىمزالىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر