تېررورچىلارنىڭ 5 كاتىۋىشىنى قوشقاندا جەمئىي 9 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى
«ئەرەن قىش – 6 ھەرىكىتى» دائىرىسىدە 3 نەپىرى ئاپېلسىن تاشلىق، 2 نەپىرى كۈلرەڭ تاشلىق تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسىنى قوشقاندا، جەمئىي 9 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى.
1743032
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، «ئەرەن قىش – 6 (مارجان تېغى) ھەرىكىتى» دائىرىسىدە، تۇنجەلى-ئوۋاچىك ناھىيەسى يېزىلىرىدا بىخەتەرلىك قىسىملىرى تېرورچىلارنى ئۆڭكۈرگە قاپسىدى. ھەرىكەتتە يەنە ئالتە تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى. شۇنداق قىلىپ، تەسلىم بولغان 1 تېررورچىدىن باشقا، بىر تەرەپ قىلىنغان تېرورچىلارنىڭ سانى 9 غا يەتتى. ئۇجۇقتۇرۇلغان تېرورچىلاردىن 3 نەپىرى ئاپېلسىن تاشلىق، 2 نەپىرى كۈلرەڭ تاشلىق تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان تېررورچى ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى» دېيىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىراق ۋە سۈرىيەدە 75 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلمەكتە.