«ئەرەن قىش-11» زەربە بېرىش ھەرىكىتى باشلاندى

مۇش ۋە دىيارباكىردا «ئەرەن قىش - 11» ناملىق بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا زەربە بېرىش ھەرىكىتى باشلاندى.

1742915
«ئەرەن قىش-11» زەربە بېرىش ھەرىكىتى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت ئىچىدىكى تېررورلۇق تورلىرىنى ئۈزۈل - كېسىل يوقىتىشنى نىشان قىلغان «ئەرەن قىش زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى» قەتئىيلىك بىلەن داۋام قىلماقتا.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنى دۆلەتنىڭ كۈنتەرتىپىدىن چىقىرىۋېتىش ۋە رايوننى ماكان تۇتۇۋاتىدۇ، دەپ قارىلىۋاتقان تېررورچىلارنى يوقىتىپ تاشلاش مەقسىتدە مۇش ۋە دىيارباركىردا «ئەرەن قىش – 11 (شەييايلا) شېھىت ژاندارما بىرىنچى لېيتىنانت ئىسمائىل موراي» ناملىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى باشلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ھەرىكەتتە تۇنجەلى ژاندارما رايونلۇق قوماندانلىقىنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا 1300 خادىم ۋەزىپە ئۆتەيدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر