تۈركىيەدە بۈگۈن ۋىرۇس سەۋەبىدىن 196 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە كوۋىد -19 سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 196 كىشىىگە يەتتى.

1741737
تۈركىيەدە بۈگۈن ۋىرۇس سەۋەبىدىن 196 كىشى قازا قىلدى

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 355 مىڭ 252 كىشى تەكشۈرۈلدى ۋە بۇلاردىن 25 مىڭ 556 كىشىدە يۇقۇملىنىش ئالامىتى كۆرۈلدى.

بىر كۈن ئىچىدە ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققانلارنىڭ سانى 24 مىڭ 113 كىشىگە يەتتى.

تۈركىيە مىقياسىدا بۈگۈنگە قەدەر ئەملەنگەن بىرىنچى، ئىككىنچى ۋە  ئۈچىنچى مىقدار ۋاكسىنا سانى 120 مىليون 516 مىڭ 813 كە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر