ئاغرى ۋە ئىغدىردا «ئەرەن قىش 9 ھەرىكىتى» باشلاندى

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى ئاغرى ۋە ئىغدىر ۋىلايەتلىرىدە «شېھىت ژاندارما سېرژانت ھۈسەيىن كەلەش، ئەرەن قىش -9 ھەرىكىتى» ئېلىپ بېرىلدى.

1741198
ئاغرى ۋە ئىغدىردا «ئەرەن قىش 9 ھەرىكىتى» باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت ئىچىدىكى تېررورلۇقنى ئۈزۈل-كېسىل يوقىتىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان «ئەرەن قىش ھەرىكەتلىرى» يۈكسەك ئىشەنچ ۋە قەتئىي ئىرادە بىلەن داۋاملاشماقتا.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنى دۆلەتنىڭ كۈنتەرتىپىدىن چىقىرىپ تاشلاش ۋە رايوندا پاناھلانغانلىقى ئېنىقلانغان تېررورچىلارنى بىر تەرەپ قىلىش مەقسىتىدە باشلانغان «ئەرەن قىش 9 ھەرىكىتى» دە، ژاندارما كوماندىرلىرى، ژاندارما ئالاھىدە ھەرىكەت ئەترىتى، ساقچى ئالاھىدە ھەرىكەت ئەترىتى ۋە بىخەتەرلىكنى قوغداش ئەترىتىدىن جەمئىي 910 خادىم ۋەزىپە ئۆتىمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر