بىنگۆلدە تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ پاناھجايى پاچاقلاپ تاشلاندى

بىنگۆلنىڭ گەنچ ناھىيەسىدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى ئېلىپ بېرىلغان «ئەرەن قىش 6 ھەرىكىتى» دائىرىسىدە تېررورچىلار ئىشلەتكەن پاناھجاي بايقالدى.

1741312
بىنگۆلدە تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ پاناھجايى پاچاقلاپ تاشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىنگۆل ۋالىي مەھكىمىسى ئېلان قىلغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، ۋىلايەتلىك ژاندارما قوماندانلىق ئىشتابى ۋىلايەتكە قاراشلىق يېزىلاردا ئېلىپ بېرىلغان «ئەرەن قىش 6 ھەرىكىتى» دائىرىسىدە، ئىككى نۇقتىدا يەر ئاختۇرۇش ئېلىپ بارغان.

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزالىرى ئىشلەتكەن 3 ھۇجرىلىق پاناھجايدىكى تەكشۈرۈش جەريانىدا، 20 كىلوگىرام ئاممونىي نىيترات، 10 ئوۋ مىلتىقى، 19 ئاشخانا گاز تۇڭى، 8 دانە سەياھەت گاز تۇڭى، 32 باتارىيە، ھەر خىل داۋالاش ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرى قولغا چۈشۈرۈلگەن.

پاناھجاي ۋە ئەشيالار بىخەتەرلىك خادىملىرى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر