تۈركىيەدە بۈگۈن ۋىرۇس سەۋەبىدىن 189 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە كوۋىد-19 سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 189 كىشىىگە يەتتى

1740556
تۈركىيەدە بۈگۈن ۋىرۇس سەۋەبىدىن 189 كىشى قازا قىلدى

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە  358 مىڭ 816 كىشى تەكشۈرۈلدى ۋە بۇلاردىن 24 مىڭ 317 كىشىدە يۇقۇملىنىش ئالامىتى كۆرۈلدى.

بىر كۈن ئىچىدە ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققانلارنىڭ سانى 23 مىڭ 273 كىشىگە يەتتى.

تۈركىيە مىقياسىدا بۈگۈنگە قەدەر ئەملەنگەن بىرىنچى، ئىككىنچى ۋە  ئۈچىنچى مىقدار ۋاكسىنا سانى 120 مىليون 261 مىڭ 629 گە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر