تۈركىيە 14 ئەسكەر شېھىت بولۇپ كەتكەن تىك ئۇچار قازاسى تۈپەيلى ئەزەربەيجانغا تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئەزەربەيجاندا دۆلەتلىك چېگرا مۇلازىمەت ئىدارىسىغا ئائىت تىك ئۇچار قازاسىدا شېھىت بولۇپ كەتكەن 14 ئەسكەر ئۈچۈن تەزىيە باياناتى ئېلان قىلدى.

1741026
تۈركىيە 14 ئەسكەر شېھىت بولۇپ كەتكەن تىك ئۇچار قازاسى تۈپەيلى ئەزەربەيجانغا تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەتلىك چېگرا مۇلازىمەت ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىدارىغا ئائىت بىر ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلان، شۇ جاي ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 10 دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە، خىزى رايونىنىڭ قاراھەيبەت ھاۋا مەشىق ساھەسىدە چۈشۈپ كەتكەن، قازادا 14 ئەسكەر شېھىت بولغان، 2 ئەسكەر يارىلانغان.

دائىرىلەر نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ، بۇ ھەقتە ئۇچۇر ئىگىلىگەن ۋە قازانىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغان.

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، قازادا شېھىت بولغان ئەسكەرلەرنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە يېقىن – يورۇقلىرىغا تەزىيە بىلدۈرگەن.

بۇ ئارىلىقتا،  تۈركىيە ئەزەربەيجاندا قاراھەيبەت ھاۋا مەشىق ساھەسىدە چۈشۈپ كەتكەن ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلان قازاسىدا شېھىت بولۇپ كەتكەنلەر ئۈچۈن تەزىيە  باياناتى ئېلان قىلدى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ئەنقەرەنىڭ، ئەزەربەيجاننىڭ  خىزى رايونىنىڭ قاراھەيبەت ھاۋا مەشىق ساھەسىدە بىر ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كەتكەنلىكىدىن ۋە قازادا شېھىت بولۇش ۋە يارىلىنىش ئەھۋالىنىڭ كۆرۈلگەنلىكىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلانغان ھالدا خەۋەر تاپقانلىقى بىلدۈرۈلۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، شېھىتلارغا ئاللاھ تائالادىن رەھمەت، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلەندى.

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، ئەزەربەيجانغا تەزىيە بىلدۈرۈپ ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «بۈگۈن يۈز بەرگەن تىك ئۇچار ئايروپىلان قازاسىدا شېھىت بولۇپ كەتكەن ئەزەربەيجانلىق قېرىنداشلىرىمىزغا جانابىي ئاللاھتىن رەھمەت، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلەيمەن، ئەزەربەيجان خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرىمەن.»

مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «بۈگۈن يۈز بەرگەن ئېچىنىشلىق تىك ئۇچار ئايروپىلان قازاسىدا شېھىت بولۇپ كەتكەن ئەزەربەيجانلىق قېرىنداشلىرىمىزغا ئاللاھتىن رەھمەت، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلەيمەن، جانجىگەر ئەزەربەيجان خەلقىگە ۋە ھۆكۈمىتىگە تەزىيە بىلدۈرىمەن.»

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بولسا، ئەزەربەيجان دىپلوماتىيە مىنىستىرى جەيھۇن بايراموۋ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، تىك ئۇچار ئايروپىلان قازاسىدا شېھىت بولۇپ كەتكەن ئەسكەرلەر ئۈچۈن تەزىيە بىلدۈردى، يارىلانغان ئەسكەرلەر ئۈچۈن شىپالىق تىلىدى.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار، ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گېنېرال زاكىر ھەسەنوۋ ۋە دۆلەتلىك چېگرا مۇلازىمەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى گېنېرال ئەلچىن گۇلىيېۋ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، تەزىيە بىلدۈردى.

تېلېفون سۆھبۈبەتلىرىدە، مىنىستىر ئاقار،  قاراھەيبەت ھاۋا مەشىق ساھەسىدە چۈشۈپ كەتكەن دۆلەتلىك چېگرا مۇلازىمەت ئىدارىسىغا ئائىت تىك ئۇچار ئايروپىلان قازاسىدا شېھىت بولۇپ كەتكەن ئەسكەرلەر ئۈچۈن ئاللاھ تائالادىن رەھمەت، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلىدى، ھەمدە دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجان خەلقىگە تەزىيە بىلدۈردى، شېھىتلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا سەۋر - تاقەت تىلىدى.

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجاندا دۆلەتلىك چېگرا مۇلازىمەت ئىدارىسىغا ئائىت بىر ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كەتكەنلىكىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلانغان ھالدا خەۋەر تاپتۇق، بۇ ئېچىنىشلىق ھادىسىدە ئارىمىزدىن ئايىرىلىپ قالغان شېھىتلىرىمىزغا ئاللاھ تائالادىن رەھمەت، يارىدارلىرىمىزغا شىپالىق تىلەيمىز، پۈتكۈل ئەزەربەيجانلىق قېرىنداشلىرىمىزغا تەزىيە بىلدۈرىمىز ھەم سەۋر - تاقەت تىلەيمىز.»

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىنمۇ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «بۇ ئېچىنىشلىق قازادا شېھىت بولۇپ كەتكەن قېرىنداشلىرىمىزغا ئاللاھ تائالادىن رەھمەت، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلەيمەن، <بىر مىللەت، ئىككى دۆلەت> كە تەزىيە بىلدۈرىمەن.»

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن بولسا، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «ئەزەربەيجان دۆلەتلىك چېگرا مۇلازىمەت ئىدارىسىغا ئائىت بىر ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە شېھىت بولۇپ كەتكەن قېرىنداشلىرىمىزغا ئاللاھ تائالادىن رەھمەت، يارىدارلىرىمىزغا شىپالىق تىلەيمەن، ئەزەربەيجاننىڭ دەرد – ئەلەمى تۈركىيەنىڭمۇ دەرد – ئەلەمىدۇر، پۈتكۈل ئەزەربەيجانلىق قېرىنداشلىرىمىزغا تەزىيە بىلدۈرىمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر