مۇستافا شەنتوپ بۈگۈن پولشادا زىيارەتتە بولىدۇ
تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) رەئىسى مۇستافا شەنتوپ بۈگۈن پولشانىڭ پايتەختى ۋارشاۋاغا يېتىپ بارىدۇ.
1740568

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇستافا شەنتوپ ۋە ئۇنىڭغا ھەمراھلىقىدىكى پارلامېنت ۋەكىللەر ئۆمىكى 30-نويابىردىن 2-دېكابىرغىچە پولشانى زىيارەت قىلىدۇ.
مۇستافا شەنتوپ پولشا پارلامېنتىدىكى زىيارىتى جەريانىدا مەنسەپدىشى ئېلزبېتا ۋىتەك بىلەن ئۇچرىشىش ئېلىپ بېرىدۇ، ئاندىن پولشا پىرېزىدېنتى ئاندرېجېج دۇدا بىلەنمۇ كۆرۈشىدۇ.