چاۋۇشئوغلۇ ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىدۇ
دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، شىۋېتسىيەنىڭ ساھىبخانلىقىدا چاقىرىلىدىغان ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 28 – نۆۋەتلىك مىنىستىرلار كېڭىشى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىدۇ.
1740942

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ: «ھۆرمەتلىك مىنىستىرىمىز 2021 – يىلى 2-، 3 – دېكابىر كۈنلىرى ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 28 – نۆۋەتلىك مىنىستىرلار كېڭىشى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىدۇ. يىغىندا، ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كۈنتەرتىپىدىكى مەسىلىلىرى ۋە ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى جۇغراپىيەسى دۇچ كېلىۋاتقان يېڭى سىناقلار توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇلىدۇ. ھۆرمەتلىك مىنىستىرىمىز يىغىن مۇناسىۋىتى بىلەن بەزى مەنسەپداشلىرى بىلەن ئايرىم ئۇچرىشىشلارنىمۇ ئۆتكۈزىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

شىمالىي ئىراقتا توققۇز تېررورىست بىر تەرەپ قىلىندى
شىمالىي ئىراقتا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ توققۇز ئەزاسى بىر تەرەپ قىلىندى.