تۈركىيە ئارمىيەسى سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا زەربە بەردى

سۈرىيەنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ي پ گ ئەزاسى ئۈچ تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1740071
تۈركىيە ئارمىيەسى سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا زەربە بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىراقنىڭ شىمالىدىكىگە ئوخشاشلا سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى پ ك ك / ي پ گ تېررورچىلىرىغا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنىڭمۇ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

باياناتتا: «قەھرىمان كوماندىر – جەڭچىلىرىمىز تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا بىر، فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا ئىككى بولۇپ، ھۇجۇمغا ئۆتۈش تەييارلىقى قىلىۋاتقان پ ك ك / ي پ گ ئەزاسى جەمئىي ئۈچ تېررورچىنى ئۇجۇقتۇردى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

سۈرىيەنىڭ شىمالىي قىسىملىرى تۈركىيەنىڭ ئارمىيەسىنىڭ 2017 – يىلىدىكى فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى ۋە 2019 – يىلىدىكى تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتى ئارقىلىق تېررورچىلاردىن خالىيلاشتۇرۇلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر