سۇلايمان سويلۇ: 2023 – يىلىدا تۈركىيە دۇنيادا سۆزى ئۆتىدىغان بىر دۆلەتكە ئايلىنىدۇ

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 - يىللىقى بولغان تۈركىيەنىڭ 2023-يىلدىكى نىشانىغا كۈچلۈك دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن چوقۇم يېتىپ بارىدىغانلىقىنى  ئېيتتى.

1740176
سۇلايمان سويلۇ: 2023 – يىلىدا تۈركىيە دۇنيادا سۆزى ئۆتىدىغان بىر دۆلەتكە ئايلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۇلايمان سويلۇ بىر خۇسۇسىي تېلېۋىزىيە قانىلىدا كۈن تەرتىپكە ئالاقىدار بايانات بەردى.

تېرورلۇققا قارشى كۈرەشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن سۇلايمان سويلۇ، دۆلەت ئىچىدىكى تېررورچىلار سانىنىڭ 170 ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئەگەر بۇ تېررورچىلار تۈركىيە ئەدلىيەسىگە تەسلىم بولغان تەقدىردە، پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان بىر كۆرۈنۈشنىڭ باشلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

سۇلايمان سويلۇ تۈركىيەنىڭ كۈچلۈك بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن 2023-يىلدىكى نىشانىغا چوقۇم يېتىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «ھۆرمەتلىك جۇمھۇر رەئىسىمىز (رەجەپ تاييىپ ئەردوغان) بۈيۈك ۋە كۈچلۈك تۈركىيە لايىھەسىنى تاماملاپ، تۈركىيەنىڭ 2023 -، 2053 - ۋە 2071-يىللىق نىشانلىرىغا تەييارلىقى پۈتكەن بىر دۆلەت سۈپىتىدە تۈرك تارىخىغا يېزىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. تۈركىيە، تۈرك دۇنياسىنىڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر بىر دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئوتتۇرا شەرق ۋە بالقان جۇغراپىيەسىنىڭمۇ نوپۇزلۇق ۋە كۈچلۈك بىر دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن دۇنيادا سۆزى ئۆتىدىغان بىر دۆلەتكە ئايلىنىدۇ. مەن بۇنىڭغا ئىشىنىمەن. بۇنى مىللىتىمىز ئىشقا ئاشۇرىدۇ» دېدى.

سۇلەيمان سويلۇ يەنە پەرزەنتلىرىنىڭ بۆلگۈنچى تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تەرىپىدىن تاغقا ئېلىپ قېچىلىشىغا قارشى نارازىلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، ئولتۈرۈېلىش نامايىشى قىلىۋاتقان دىياباكىر ئانىلىرىنىڭ  بىر ئىنقىلابنى ئىشقا ئاشۇرىۋاتقانلىقىنى ۋە دۇنيادىكى بارلىق جاھانگىرلارغا ساۋاق بېرىۋاتقانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر