پ ك ك نىڭ ئاتالمىش ​​رايونلۇق ئەمەلدارلىرى ئىشلەتكەن ئۆڭكۈر پاچاقلاپ تاشلاندى

كوماندىرلار ئىراقنىڭ شىمالىدىكى بۆلگۈنچى تېرورلۇق تەشكىلاتى PKK نىڭ ئاتالمىش ​​رايونلۇق ئەمەلدارلىرى ئىشلەتكەن ئۆڭكۈرنى قولغا چۈشۈردى.

1739776
پ ك ك نىڭ ئاتالمىش ​​رايونلۇق ئەمەلدارلىرى ئىشلەتكەن ئۆڭكۈر پاچاقلاپ تاشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلەنگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى تېرورلۇق نىشانلىرىغا قارىتا ئاپرىل ئېيىدا باشلانغان پەنچە-شىمشەك ۋە پەنچە-چاقماق ھەرىكىتى قەتئىي ئىرادە بىلەن داۋاملاشماقتا.

مەتىنا ۋە ئاۋاشىن-باسيان رايونلىرىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەرىكەتلەردە، مەھمەتچى ئەسكەرلەر يەر شارائىتىنىڭ قىيىن بولىشىغا قارىماي، تېرورچىلار قوللانغان ئۆڭكۈرلەرگە بىر-بىرلەپ كىرىپ، تېرورلۇق ئۇنسۇرلىرىنى تازىلىماقتا.

كوماندىر-جەڭچىلەر بۇ قېتىم پەنچە-چاقماق ھەرىكىتى رايونىدىكى بىسۇردا قاچقۇن تېررورچىلار ئىشلەتكەن ئۆڭكۈرنى قولغا چۈشۈردى.

تېرورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئاتالمىش ​​رايونلۇق ئەمەلدارى تۇرىدىغانلىقى ئېنىقلانغان ئۆڭكۈردىن نۇرغۇن قورال-ياراغ، ئوق-دورا ۋە ھەر خىل تۇرمۇش بويۇملىرى تېپىلدى.

ئۆڭكۈر كوماندىر-جەڭچىلەر تەرىپىدىن ئىشلەتكىلى بولمايدىغان ھالغا كەلتۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر