فاھرەتتىن كوجا: تۈركىيەدە كوۋىد-19 نىڭ (Nu omicron)  ۋارىيانتى بايقىلىپ باقمىدى

سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا كوۋىد-19 نىڭ يېڭى ۋارىيانتى (omicron)  نىڭ تۈركىيەدە بايقالمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1739706
فاھرەتتىن كوجا: تۈركىيەدە كوۋىد-19 نىڭ (Nu omicron)  ۋارىيانتى بايقىلىپ باقمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فاھرەتتىن كوجا ئىجتىمائىي ئالاقە ھېساباتىدىكى باياناتىدا مۇنداق دېدى:

«ئوخشىمىغان دۆلەتلەردە كۆرۈلگەن ۋارىيانتلارغا مۇناسىۋەتلىك ئەۋھاللارنى يېقىندىن نازارەت قىلىۋاتىمىز ۋە دۆلىتىمىزنىڭ تاشقى مۇناسىۋەتلىرىگە قارىتا تەدبىرلەرنى ئېلىۋاتىمىز.  يېڭىدىن كۈن تەرتىپكە كەلگەن (Nu omicron) ۋاىيانتىغا قارشى ئەڭ بالدۇر تەدبىرلەرنى يولغا قويغان دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدۇق. تۈركىيەدە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ۋارىيانت دېلتا ۋارىيانتىدۇر. تۈركىيەدە (Nu omicron) ۋارىيانتى بايقىلىپ باقمىدى»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر