چاۋۇشئوغلۇ تۈركمەنىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈركمەنىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرى راشىد مېرېدوۋ بىلەن پايتەخت ئاشىابادتا بىر يەرگە جەم بولدى.

1739514
چاۋۇشئوغلۇ تۈركمەنىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «تۈركمەنىستان زىيارىتىمىزنى دىپلوماتىيە مىنىستىرى راشىد مېرېدوۋ بىلەن كۆرۈشۈش ئارقىلىق باشلىدۇق، ئۇچرىشىشتا، جۇمھۇر رەئىسىمىز رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ پايتەخت ئاشخابادقا قىلىدىغان دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى ۋە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى تەييارلىق خىزمەتلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردۇق.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر