ماردىندا «ئەرەن قىش – 8» ھەربىي ھەرىكىتى باشلاندى

ماردىندا «ئەرەن قىش – 8 ئۆمەريان شېھىت ئامانلىق ساقلاش خادىمى ئابدۇللالاتىف ئەمەن» ھەربىي ھەرىكىتى باشلاندى.

1738419
ماردىندا «ئەرەن قىش – 8» ھەربىي ھەرىكىتى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نى دۆلەتنىڭ كۈنتەرتىپىدىن چىقىرىۋېتىش ۋە رايوندا يوشۇرۇنۇۋالغانلىقى ئانالىز قىلىنىۋاتقان تېررورچىلارنى بىر تەرەپ قىلىش مەقسىتىدە، ماردىندا باشلانغان ھەربىي ھەرىكەتكە، قوراللىق ساقچى قىسىم  كوماندىر – جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئالاھىدە ئەترەتلىرى، ئامانلىق ساقلاش خادىملىرى ئەترەتلىرىدىن تەشكىل تاپقان 670 خادىم قاتناشماقتا ئىكەن.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، دۆلەت مىقياسىدا تېررورىزمنى ئۈزۈل - كېسىل يوقىتىش نىشان قىلىنغان «ئەرەن» ھەربىي ھەرىكەتلىرى، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن قوللىشى ئاستىدا قەتئىي ئىشەنچ بىلەن كەسكىن داۋاملاشماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر