كوجا: تۇركوۋاكنى جىددىي ئىشلىتىش ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنۇلدى

سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا «كوۋىد – 19 يۇقۇمى» ۋاكسىناسى تۈركوۋاكنى جىددىي ئىشلىتىشكە ئىجازەت بېرىلىشى ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنۇلغانلىقىنى ئېيتتى.

1738457
كوجا: تۇركوۋاكنى جىددىي ئىشلىتىش ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر كوجا، سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ 2022 – يىللىق خامچوت لايىھەسى مۇزاكىرە قىلىنغان تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى پىلان – خامچوت لايىھەسى كومىتېتىدا، يەرلىك ۋاكسىنا تۇركوۋاك ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «يەرلىك ‹كوۋىد – 19 يۇقۇمى› ۋاكسىنامىز تۇركوۋاكنىڭ جىددىي ئىشلىتىلىشىگە ئىجازەت بېرىلىشى ئۈچۈن بۈگۈن ئىلتىماس سۇنۇلدى، بۇ يىل ئاخىرلاشماستىن بۇرۇنلا ئىشلىتىلىشكە باشلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، ھۈجەيرىدىن ۋاكسىناغىچە دۆلىتىمىزدە ۋە دۆلىتىمىزدىكى ئالىملار تەرىپىدىن تەتقىق قىلىنىپ ياساپ چىقىلغان مىللىي ۋاكسىنامىزنىڭ، دۆلىتىمىز  مىللىتىمىز ۋە پۈتۈن دۇنيا ئۈچۈن خەيرلىك ۋە پايدىلىق بولۇشىغا تىلەكداشمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر