چاۋۇشئوغلۇ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى باش كاتىپى بىلەن كۆرۈشتى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى باش كاتىپى ھۈسەيىن ئىبراھىم تاھا بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.

1738804
چاۋۇشئوغلۇ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى باش كاتىپى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، تۇنجى زىيارىتىنى تۈركىيەگە قىلغان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى باش كاتىپى ھۈسەيىن ئىبراھىم تاھا بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «باش كاتىپ تاھا بىلەن ئىسلام دۇنياسىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردۇق.»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانمۇ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى باش كاتىپى ھۈسەيىن ئىبراھىم تاھانى قوبۇل قىلغان، جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە 50 مىنۇت داۋاملاشقان ئۇچرىشىش، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا يېپىق ھالەتتە ئىشقا ئاشۇرۇلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر