5 تېررورچى قولغا چۈشتى

سۈرىيەدىن قانۇنسىز يوللار بىلەن تۈركىيەگە ئۆتۈشكە ئۇرۇنغان 3 دائېشچى ۋە 2 پ ك ك مەنسۇبى 5 تېررورچى قولغا چۈشتى.

1738727
5 تېررورچى قولغا چۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «خاتاي ۋە شانلىئۇرفادا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرىمىز، سۈرىيەدىن دۆلىتىمىزگە قانۇنسىز يوللار بىلەن ئۆتۈشكە ئۇرۇنغان 5 كىشىنى قولغا چۈشۈردى، تەكشۈرۈشلەر نەتىجىسىدە، قولغا چۈشۈرۈلگەن بۇ شەخسلەردىن 3 ىنىڭ دائېشچى، ئىككىسىنىڭ بولسا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەنسۇبى ئىكەنلىكى ئېنىقلاپ چىقىلدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر