تۇنجەلىدە پ ك ك غا تەۋە 9 پاناھجاي پاچاقلاپ تاشلاندى

تۇنجەلىنىڭ نازىمىيە ناھىيەسىدە ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتتە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى  پ ك ك تېررورچىلىرى تەرىپىدىن ئىشلىتىلىۋاتقان 9 پاناھجاي پاچاقلاپ تاشلاندى.

1737895
تۇنجەلىدە پ ك ك غا تەۋە 9 پاناھجاي پاچاقلاپ تاشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۇنجەلى ۋالىي مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ژاردارما قوماندانلىق ئىشتابى ئەترىتىنىڭ «ئەرەن 6 ھەرىكىتى» دائىرىسىدە، نازىمىيە ناھىيەسىدە تېررورۇق تەشكىلاتىغا قارشى ئۈنۈملۈك ھەرىكەت ئېلىپ بارغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئاپشاركىلار بىلەن ئاختۇرۇش ئېلىپ بارغان بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ تېررورچىلار تەرىپىدىن ئىشلىتىلگەن 9 پاناھجاينى ئېنىقلاپ چىققانلىقى ھەمدە تەكشۈرۈشتە پارتلاتقۇچ دورىلىرى ۋە تۇرمۇش بويۇملىرى تېپىلغانلىقى ئاندىن پاناھجايلارنى پاچاقلاپ تاشلىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

رايوندا تېررورچىلارنىڭ قىشلىق بازا قۇرۇشى ۋە ۋىلايەتلەر ئارىسىدىكى قاتنىشىنى توسۇش ئۈچۈن 1060 نەپەر بىخەتەرلىك خادىمىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن كەڭ كۆلەملىك ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر