كوجا: ھېچقانداق شەكىلدە تاقىلىش نىيىتىمىز يوق

سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا، تۈركىيەنىڭ «كوۋىد – 19» يۇقۇمىغا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە ھېچقانداق شەكىلدە تاقىلىش نىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى ئېيتتى.

1737423
كوجا: ھېچقانداق شەكىلدە تاقىلىش نىيىتىمىز يوق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپادا «كوۋىد – 19» ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىپ كېتىشى، كۆپلىگەن دۆلەتلەرنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ، بىرقاتار چەكلىمىلەرنى قايتا يولغا قويۇشىغا سەۋەب بولدى.

يول خەرىتىسىنى ئۆزگەرتمىگەن تۈركىيەدە بولسا تاقىلىش چەكلىمىلىرى يولغا قويۇلمايدۇ، يۇقۇمغا قارشى تۇرۇشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك قورال ۋاكسىنا ئەملەش بولىدۇ.

سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا، تۈنۈگۈنكى ئىچكى كابىنېت يىغىنىدىن كېيىن  ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «ھېچقانداق شەكىلدە تاقىلىش نىيىتىمىز يوق، يېڭى باسقۇچتا كىشىلىك تەدبىرلەرگە، بولۇپمۇ ۋاكسىنا ئەملەشكە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىۋاتىمىز، ھەممە كىشىنىڭ ۋاكسىنا ئەملەتكۈزۈشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ھەمىشە تەكىتلەپ كېلىۋاتىمىز.»

تۈركىيەدە ئىشلەپچىقىرىلىدىغان «كوۋىد – 19» يۇقۇمى دورىسى توغرىلىقمۇ توختالغان كوجا، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «‹كوۋىد – 19› يۇقۇمى دورىسىنى تۈركىيەدە ئىشلەپچىقىرىشنى ئەڭ بالدۇر ۋە بىر نەچچە مەركەزدە تاماملاپ، دۆلەتكە بولغان چىقىمىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈپ، پۇقرالىرىمىزنى مولنۇپىراۋىر (Molnupiravir) دورىسى بىلەن ھەقسىز تەمىنلەشنى نىشان قىلىۋاتىمىز، بۇمۇ بەك ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كەتمەيدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر