چاۋۇشئوغلۇ بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرى بىلەن تېلېفونلاشتى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا مىنىستىرلار كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى بىسېرا تۇركوۋىچ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1737607
چاۋۇشئوغلۇ بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرى بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، چاۋۇشئوغلۇ بۈگۈن بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا مىنىستىرلار كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى بىسېرا تۇركوۋىچ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەن، تېلېفون سۆھبىتىدە، بالقان رايونىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.

يەنە بىر تەرەپتىن، مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ شىمالىي ماكېدونىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى بۇجار ئوسمانى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، بۇلغارىيەدە  شىمالىي ماكېدونىيە نومۇر تاختىلىق يولۇچىلار ئاپتوبۇسى قازاسىدا جېنىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن تەزىيە بىلدۈرگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر