چاناققەلئەدە نۇرغۇن كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى

چاناققەلئە دېڭىز تەۋەلىكىدە گىرېتسىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن تۈركىيەنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىگە قايتۇرۇۋېتىلگەن 40 كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى.

1736375
چاناققەلئەدە نۇرغۇن كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ساھىل بىخەتەرلىك قوماندانلىق ئىشتابى ئەترەتلىرى، چاناققەلئە دېڭىز تەۋەلىكىدە بىر گۇرۇپپا كۆچمەننىڭ كۆرۈلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ، گىرېتسىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن تۈركىيەنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىگە قايتۇرۇۋېتىلگەن 40 كۆچمەننى قۇتقۇزۇۋالدى.

كۆچمەنلەر، رەسمىيەتلىرىنىڭ تاماملىنىشىدىن كېيىن، ئايۋاجىق چەت ئەللىكلەرنى قايتۇرۇۋېتىش مەزكىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر