تۈركىيەنىڭ ئورنى ناتونىڭ مەركىزىدە

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاكار تۈركىيەنىڭ ناتودىكى ئىككىنچى چوڭ ئارمىيەسى بولۇش سۈپىتىدە، ئىتتىپاق مەركىزىدىن ئورۇن ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1736117
تۈركىيەنىڭ ئورنى ناتونىڭ مەركىزىدە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاكارنىڭ ھەمراھلىقىدا، ئىشتاب باشلىقى ياشار گۈلەر ۋە باشقا ھەربىي قوماندانلار بىلەن، 2023-يىلدا ناتونىڭ جەڭ قىلغۇچى ئارمىيە ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدىغان 3-ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابىنى جەڭ ھەرىكىتى ۋەزىپىسىگە تەييارلاش مەقسىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن «2021-قاراۋۇل» مانېۋىرىنى كۆزدىن كەچۈردى.

مانېۋىر ئۆتكۈزۈلگەن كۆپ دۆلەتلىك جەڭ مەركىزى قوماندانلىق ئىشتابىدا مەلۇمات ئالغان ھۇلۇسى ئاكار، دۇنيا ۋە رايون سەۋىيەسىدە خەتەر ھەمدە خىرىسلار كۆپىيىۋاتقان مەزگىلنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇ خەلقئارالىق خەۋپسىزلىك ۋە مۇداپىئە تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنىڭ ھەر ۋاقىتتىكىدىن تېخىمۇ ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «تۈركىيە بىر تەرەپتىن، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش، ئەل قائىدە، پ ك ك|ي پ گ، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى  ۋە باشقا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى بىرلا ۋاقىتتا كۈرەش قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن، رايوندىكى خىرىس، خەتەر ۋە تەھدىتلەرگە قارشى تۇرۇش بىلەن بىرگە، ئىتتىپاقنىڭ مانېۋىر، قۇرۇلمىسى ۋە خادىملار قوشۇنىغا ئىزچىل ھالدا ھەسسە قوشۇپ كەلمەكتە. ناتو ۋە ياۋروپانىڭ چېگرالىرىنى تېررورلۇقتىن، ھەر خىل قانۇنسىزلىقتىن ۋە ئادەم ئەتكەسچىلىكىدىن قوغداش ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرەك بولسا شۇنى قىلماقتا. ناتونىڭ ئىككىنچى ئارمىيەسى بولۇش سۈپىتىدە، ئىتتىپاقنىڭ يۈكىنى ۋە بارلىق قىممەت قاراشلىرىنى ئورتاقلىشىپ، ناتونى ئۆز بىخەتەرلىكىنىڭ مەركىزىگە قويۇش بىلەن بىرگە، ناتو خەۋپسىزلىكىنىڭ مەركىزىدىن ئورۇن ئالماقتا» دېدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ  بۇ يىل (2021) ناتونىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيە قوماندانلىق ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «تۈركىيە 2022-يىلنىڭ بېشىدىن تارتىپ تولۇق ھەرىكەت ئىقتىدارىغا ئىگە بولىدىغان تۈركىيە ئالىي تەييارلىق سەۋىيەسىدىكى دېڭىز ئارمىيە كۈچى بىلەن 2023 ۋە 2028-يىلىدا ناتونىڭ دېڭىز ئارمىيە قوماندانلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. 2025-يىلى بولسا، ناتو ھاۋا ئارمىيە قوماندانلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ» دېدى.

ئۇ ئىتتىپاقداش قۇرۇقلۇق ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابى، دېڭىز بىخەتەرلىكىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش مەركىزى، تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش مەركىزى، تىنچلىق ئۈچۈن ئورتاق تەربىيەلەش مەركىزى، بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا رادار مەيدانى ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك ھاۋا ئارمىيە ھەرىكىتى بازىسى قاتارلىق مۇھىم ئورگانلارنىڭ  تۈركىيەدە ئىكەنلكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ ھەربىي مانېۋىرلارنىڭ ھەربىي قىسىملارنىڭ بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپلا قالماي، ئۆزئارا ھەمكارلىق مۇساپىسىغا ھەسسە قوشۇپ، جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغانلىقىنى ۋە ئىتتىپاقنىڭ كۈچىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مانېۋىرنى ئىجرا قىلىش مۇساپىسىنى پىلانلاش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۈچ چىقارغانلارغا تەشەككۈر ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر