تۇنجەلىدا «ئەرەن قىش – 6» ھەربىي ھەرىكىتى باشلاندى

تۇنجەلى ۋىلايىتىدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى «ئەرەن قىش – 6» ھەربىي ھەرىكىتى باشلاندى.

1735986
تۇنجەلىدا «ئەرەن قىش – 6» ھەربىي ھەرىكىتى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نى دۆلەت كۈنتەرتىپىدىن چىقىرىۋېتىش ۋە رايوندا بارلىقى ئانالىز قىلىنىۋاتقان تېررورچىلارنى بىر تەرەپ قىلىش مەقسىتىدە، تۇنجەلى ۋىلايىتىدە «ئەرەن قىش – 6» ھەربىي ھەرىكىتى باشلانغان.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، دۆلەت مىقياسىدا تېررورىزمنى ئۈزۈل - كېسىل يوقىتىش نىشان قىلىنغان «ئەرەن قىش – 6» ھەربىي ھەرىكەتلىرى، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن قوللىشى ئاستىدا كەسكىن داۋاملاشماقتا ئىكەن.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «بىز ياشاۋاتقان جايلاردا خەلقىمىزنىڭ خاتىرجەم ۋە بىخەتەر تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، كېچە-كۈندۈز كۈرەش قىلىۋاتقان، تاغ – داۋانلار ۋە يېزا - قىشلاقلاردا تېررورچىلارنىڭ ئىزىغا چۈشۈۋاتقان قىممەتلىك دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىمىز ۋە قوراللىق ساقچى قىسىملىرىمىز، بۈگۈن ئەتىگەن ئېتىبارى بىلەن «ئەرەن قىش – 6» ھەربىي ھەرىكىتىنى باشلاتتى،  1060 خادىم قاتناشقان ھەربىي ھەرىكەت، تۇنجى ۋىلايىتىدىكى مەرجان تاغلىرى رايونىدا داۋاملاشماقتا.»

يەنە بىر تەرەپتىن، تۇنجەلى ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى، «ئەرەن – 7 مەرجان مۇنزۇر» ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدە، مازگىرت ۋە خوزات ناھىيەسى يېزا – قىشلاقلىرىدا تېررورچىلارنى ئاختۇرۇش -  ئىز قوغلاش جەريانىدا،  تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن ئىشلىتىلگەن 7 پاناھلىنىش ئورنىنى ئېنىقلاپ چىققاندىن كېيىن، يەر بىلەن يەكسان قىلىۋەتكەن.

بۇ يەرلەرنى ئاختۇرۇش جەريانىدا نۇرغۇن قورال-ياراغ، ئوق-دورا، پارتىلاتقۇچ ۋە  تۇرمۇش بۇيۇملىرى قولغا چۈشۈرۈلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر