سويلۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بىلەن كۆرۈشتى

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ كۆچمەنلىك ۋە بىخەتەرلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى مارگارىتىس شىناس ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەت بىلەن كۆرۈشتى.

1736102
سويلۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سويلۇ،  ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ كۆچمەنلىك ۋە بىخەتەرلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى مارگارىتىس شىناس ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەتنى مىنىستىرلىق دەرۋازىسى ئالدىدا قارشى ئالدى، ئاندىن، بىخەتەرلىك ۋە جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزىنىڭ يىغىن زالىدا قوبۇل قىلغاندا، ھەيئەتكە مەركەز ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

ئۇچرىشىش، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا يېپىق ھالەتتە ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

ئۇچرىشىشقا، مىنىستىر سويلۇدىن سىرت يەنە، ئىچكى ئىشلار مۇئاۋىن مىنىستىرى مۇھتەرەم ئىنجە، قوراللىق ساقچى قىسىم قوماندانلىق ئىشتابى باش قوماندانى گېنېرال ئارىف چەتىن، جامائەت خەۋپسىزلىكى باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مەھمەت ئاقتاش، ساھىل بىخەتەرلىك قوماندانلىق ئىشتابى قوماندانى گېنېرال ئەھمەد كەندىر، كۆچمەنلەر ئىدارىسى باشلىقىنىڭ ۋەكىلى ساۋاش ئۈنلۈ، ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ باشلىقى كۈرشات قىربىيىق قاتارلىقلار قاتناشتى.

ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلاردا، بىخەتەرلىك، تېررورىزم، تەرتىپسىز كۆچمەنلىك، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى ۋە نۆۋەتتىكى مۇھىم ئۆزگىرىشلەر  ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر