شەنتوپ ئۆزبېكىستان ئالىي مەجلىسى ھەيئىتى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپ ئۆزبېكىستان ئالىي مەجلىسى قانۇن تۇرغۇزۇش پالاتاسىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن رەئىسى ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەت بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.

1735970
شەنتوپ ئۆزبېكىستان ئالىي مەجلىسى ھەيئىتى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شەنتوپ، ئۆزبېكىستان ئالىي مەجلىسى قانۇن تۇرغۇزۇش پالاتاسىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن رەئىسى، ئۆزبېكىستان-تۈركىيە پارلامېنتلار ئارا دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى ئەكمەل سەيدوۋ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن (تۈنۈگۈن) تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ دىۋان زالىدا بىر يەرگە جەم بولدى، ھەمدە بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، ئۆزئارا زىيارەتلەرنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنڭ تەرەققىي قىلىشى جەھەتتىن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئۆزبېكىستان ۋە ئۆزبېك قېرىنداشلىرىمىز خەلقىمىزنىڭ قەلبىدە ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ، پارلامېنت ئەزالىرىنىڭمۇ، تېخىمۇ كۆپ كۆرۈشۈشلەر ۋە زىيارەتلەر ئارقىلىق بۇنىڭغا ئۇيغۇن زېمىن ھازىرلىنىشى ئۈچۈن غەيرەت كۆرسىتىشىگە توغرا كېلىدۇ.»

تۈركىستان جۇغراپىيەسىدە ئەڭ مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان ئۆزبېكىستاننىڭ، تۈرك ھەم ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ گۈزەل يادىكارلىقلىرىغا ساھىبخانىلىق قىلىشتىن سىرت يەنە، سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتىنمۇ كۈنسېرى گۈللىنىۋاتقان ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان ئۆزگىچە دۆلەت ئىكەنلىكىنى، بۇ ئەھۋالنىڭ ئۆزبېكىستاننىمۇ خۇرسەن قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن شەنتوپ، ئۆزبېكىستان باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات باسقۇچىنىمۇ يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئۆزبېكىستاننىڭ تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشى بىزنى ئىنتايىن خۇرسەن قىلدى.»

 ئۆزبېكىستان ئالىي مەجلىسى قانۇن تۇرغۇزۇش پالاتاسىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن رەئىسى، ئۆزبېكىستان-تۈركىيە پارلامېنتلار ئارا دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى ئەكمەل سەيدوۋ بولسا، ھەم خەلقئارا تۈرك مەدەنىيىتى تەشكىلاتى (تۈركسوي) ھەم تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىدا بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر