ئاكار: تېررورلۇقنى يوقىتىشتا قەتئىي قارارغا ئىگىمىز

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاكار 40 يىلدىن بۇيان تۈركىيەنىڭ ئېنېرگىيەسىنى خوراتقان تېررورلۇقنى يوقىتىشتا قەتئىي قارارغا ئىگە ئىكەنلىكىلىرىنى تەكىتلىدى.

1735653
ئاكار: تېررورلۇقنى يوقىتىشتا قەتئىي قارارغا ئىگىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاكار قەيسەرىدىكى ئەرجىيەس ئۇنىۋېرستېتىنىڭ مەدەنىيەت مەركىزى ۋە ئەرجىيەس ئۇنىۋېرستېتى 2021-2022-يىللىق ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئاكادېمىك يىلىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

ئۇ تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيە ۋە ئىراقنىڭ شىمالىدا قىلىۋاتقان مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەربىي ھەرىكەتلىرىنىڭ، چېگرالار ۋە خەلقنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىۋاتقانلىقىنى، جەنۇبىي چېگرالاردا قۇرۇلماقچى بولغان تېررورلۇق كارىدورىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، بۇنىڭغا يول قويۇلمايدىغانلىقىنى كەسكىن ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ چېگرا ھالقىغان ھەربىي ھەرىكەتلىرىنىڭ نەتىجىسىدە، 1 مىليوندىن ئارتۇق سۈرىيەلىكنىڭ بىخەتەر ھالدا ئۆز يۇرتلىرىغا قايتىشىنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ: «دۆلىتىمىز 9 مىليون سۈرىيەلىكنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ئېھتىياجلىرىنى قامداۋاتىدۇ. بۇ ھەربىي ھەرىكەتلەر قىلىنمىغان بولسا، دۆلىتىمىز ۋە رايونىمىز تېخىمۇ چوڭ تەھدىت ھەمدە خەتەرلەرگە دۇچ كەلگەن بولاتتى. ھەربىي ھەرىكەتلىرىمىز ئەڭ ئاخىرقى بىر تېررورىست يوقىتىلغىچە شىددەتلىك ھالدا ۋە قوشنىلىرىمىزنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىنغان ئاساستا داۋاملىشىدۇ»دېدى.

ئۇ سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى:

«بىز پەقەت تېررورلۇق ۋە تېررورىستلار بىلەنلا كۈرەش قىلىۋاتىمىز. تېررورىست قەيەردە بولسا، نىشان شۇ يەر بولىدۇ. پ ك ك دېگەنلىك ي پ گ دېگەنلىك بىلەن باراۋەر. ي پ گ نىڭ پ ك ك دىن ھېچقانداق پەرقى يوق. بۇنىڭ مۇشۇنداق ئېنىق بىلىنىشى لازىم. 40 يىلدىن بۇيان تۈركىيەنىڭ ئېنېرگىيەسىنى خوراتقان تېررورلۇقنى يوقىتىپ، خەلقىمىزنى بۇ تېررورلۇق بالاسىدىن قۇتقۇزۇش ئىرادىمىز قەتئىي. بۇنى تاغدىكىلەرمۇ، غارلاردىكىلەرمۇ بىلدى. بۇلارنىڭ ھامىيلىرىنىڭمۇ بىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر