تۈركىيە يۇنېسكو ئىجرائىيە كېڭىشىنىڭ ئەزالىقىغا سايلاندى

تۈركىيە ب د ت مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى-يۇنېسكو (UNESCO) ئىجرائىيە كېڭىشىنىڭ ئەزالىقىغا، 2025-2021 مەزگىلى ئۈچۈن قايتىدىن سايلاندى.

1735461
تۈركىيە يۇنېسكو ئىجرائىيە كېڭىشىنىڭ ئەزالىقىغا سايلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تۈركىيەنىڭ يۇنىېسكو ئىجرائىيە كېڭىشىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، يۇنېسكونىڭ 41-نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنى رامكىسىدا تۈنۈگۈن (2021-يىلى 17-نويابىر) ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا، 2021-2017 مەزگىلىدە يۇنېسكو ئىجرائىيە كېڭىشىنىڭ ئەزاسى بولغان تۈركىيەنىڭ،  2025-2021 مەزگىلى ئۈچۈن يەنە قايتىدىن سايلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا: «تۈركىيە ئىجرائىيە ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن يۇنېسكونىڭ پائالىيىتى ۋە قىممەت قارىشىنى كۈچەيتىشكە داۋاملىق تۆھپە قوشىدۇ» دېيىلدى.

باياناتتا، تۈركىيەنىڭ يەنە بىر نۆۋەتلىك يۇنېسكو ئىجرائىيە ھەيئىتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلىنىشىنىڭ، ئۇنىڭ ئالدىنقى مەزگىلدىكى ئاكتىپ ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىپادىسىنىڭ نەتىجىسى، شۇنداقلا دۇنيا سەۋىيەسىدە مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت قىممەت قارىشى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكى كۆرسىتىلدى.

يۇنېسكوغا 195 دۆلەت ئەزا بولۇپ، تۈركىيە 158 دۆلەتنىڭ ئاۋازىنى ئالدى ۋە قارار چىقىرىدىغان مېخانىزمدىكى 58 دۆلەتنىڭ بىرىگە ئايلاندى.

ئىجرائىيە كېڭىشى 58 ئەزا دۆلەتتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، كېڭەشنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى تۆت يىل بولىدۇ ۋە سايلانغان مەزكۇر كېڭەش يىلدا ئىككى قېتىم يىغىن ئاچىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر