سىئىرتتا «ئەرەن قىش – 5» ھەربىي ھەرىكىتى باشلاندى
سىئىرتتا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى «ئەرەن قىش – 5» ھەربىي ھەرىكىتى باشلاندى.
1735442
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نى دۆلەت كۈنتەرتىپىدىن چىقىرىۋېتىش ۋە رايوندا بارلىقى ئانالىز قىلىنىۋاتقان تېررورچىلارنى بىر تەرەپ قىلىش مەقسىتىدە، سىئىرتتا «ئەرەن قىش – 5» ھەربىي ھەرىكىتى باشلانغان.
ھەربىي ھەرىكەتكە، 700 ھەربىي خادىم ۋە 53 ئالاھىدە قىسىم قاتىشىۋاتقان بولۇپ، دۆلەت مىقياسىدا تېررورىزمنى ئۈزۈل - كېسىل يوقىتىش مەقسىتىدە داۋاملاشتۇرۇلۇۋاتقان «ئەرەن قىش – 5» ھەربىي ھەرىكەتلىرى، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن قوللىشى ئاستىدا كەسكىن داۋاملاشماقتا ئىكەن.