تۈركىيە سومالىغا ھەربىي ئاپتوموبىل ۋە قۇتقۇزۇش  ماشىنىسى ئىئانە قىلدى

تۈركىيە سومالى مىللىي ئارمىيەسىگە ھەربىي ئاپتوموبىل ۋە قۇتقۇزۇش  ماشىنىسى ئىئانە قىلدى.

1735020
تۈركىيە سومالىغا ھەربىي ئاپتوموبىل ۋە قۇتقۇزۇش  ماشىنىسى ئىئانە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سومالى ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال ئوداۋا يۈسۈپ راگېھ، تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەششەبابقا قارشى كۈرەشتە تۈركىيەنىڭ ياردىمىنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ھەربىي ئاپتوموبىل ۋە قۇتقۇزۇش  ماشىنىلىرىنى تۈركىيەدە تەربىيەلەنگەن «گورگور» ئالاھىدە قىسىملىرىنىڭ ئىشلىتىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

تۈركىيە ھەم سومالىدا ھەم دۆلەت ئىچىدە تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن سومالىلىق ئەسكەرلەر، تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەششەبابقا قارشى مۇۋەپپەقىيەتلىك كۈرەش قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر