تۈركىيە بۇركىنا فاسودا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى
تۈركىيە بۇركىنا فاسودا 32 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.
1734365
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ئەنقەرەنىڭ، بۇركىنا فاسونىڭ ساھېل رايونىدا 14- نويابىر كۈنى يۈز بەرگەن ۋە 28 قوراللىق ساقچى قىسىم خادىمى ۋە 4 پۇقرانىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە كۆپ ساندا كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلانغان ھالدا خەۋەر تاپقانلىقى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلدى: «بۇ قەبىھ تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز، ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت بۇركىنا فاسو خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلەيمىز.»