«3-ئەرەن قىش» ھەربىي ھەرىكىتى باشلاندى

دىيارباكىر بىلەن بىنگۆلدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى «3-ئەرەن قىش مىڭبېشى ئەرجان كۇرت لىجە-ساغگۆزە ھەربىي ھەرىكىتى» باشلاندى.

1734097
«3-ئەرەن قىش» ھەربىي ھەرىكىتى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى دىيارباكىر بىلەن بىنگۆلدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى «3-ئەرەن قىش» ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ باشلانغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، ھەربىي ھەرىكەتكە دىياباكىر قوراللىق ساقچى قىسىم قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ 2 مىڭ 103 خادىمىنىڭ قاتناشقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، مەملىكەت ئىچىدە تېررورلۇقنىڭ پۈتۈنلەي يوقتىلىشى ئۈچۈن باشلانغان «3-ئەرەن قىش» ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ، خەلقنىڭ ياردىمى ئاستىدا قەتئىيلىك بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا داۋاملىشىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر