فاخرەتتىن ئالتۇن «دۇنيا مېھرى-شەپقەت كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇچۇر ھەمبەھىرلىدى

جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر – ئالاقا ئىدارىسى باشلىقى فاخرەتتىن ئالتۇن، «بىز جۇمھۇر رەئىسىمىزنىڭ زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچى، بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ نىدالىرىغا قىلىپ سىلىپ، «تېخىمۇ ئادىل دۇنيا مۇمكىن» دېگەن سۆزىنى دۇنيا مېھرى-شەپقەت كۈنىدە يەنە بىر قېتىم تەكرارلايمىز» دېدى.

1733552
فاخرەتتىن ئالتۇن «دۇنيا مېھرى-شەپقەت كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇچۇر ھەمبەھىرلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر – ئالاقا ئىدارىسى باشلىقى فاخرەتتىن ئالتۇن دۇنيا مېھىر-شەپقەت كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىجتىمائىي ئالاقە ھېساباتىدا تۆۋەندىكىلەرنى ھەمبەھىرلىدى:

«ياخشىلىق ۋە پەزىلەت بىلەن ئوزۇقلانغان بۇ گۈزەل دۆلەت، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە قۇرغان قەلب كۆۋرۈكلىرى بىلەنمۇ ياخشىلىقنىڭ توشۇغۇچىسى بولۇپ كەلدى. بىز جۇمھۇر رەئىسىمىزنىڭ زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچى، بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ نىدالىرىغا قىلىپ سىلىپ، <تېخىمۇ ئادىل دۇنيا مۇمكىن> دېگەن سۆزىنى دۇنيا مېھرى-شەپقەت كۈنىدە يەنە بىر قېتىم تەكرارلايمىز»

فاخرەتتىن ئالتۇن ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر – ئالاقا ئىدارىسى تەرىپىدىن تەييارلانغان سىنغا ئالاھىدە ئورۇن ئاجراتتى.

فاخرەتتىن ئالتۇن «ياخشىلىق بۇ يەرنىڭ خېمىرتۇرىچىدا بار» دېگەن سۆز بىلەن باشلانغان سىندا، ئانادولۇدا ياخشىلىقنىڭ ھېچقانداق بەدەل قايتۇرىلىشى كۈتۈلمەستىن قىلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «بۈگۈن دۇنيا مېھرى-شەپقەت كۈنى. ئۇرۇش، ئاچارچىلىق، ئايرىمچىلىق ۋە باراۋەرسىزلىكتىن چارچىغان دۇنيامىزغا ياخشىلىقنى قايتىدىن ئەسلىتىدىغان بىر كۈن. تېخىمۇ گۈزەل، تېخىمۇ ئادىل ۋە باراۋەر دۇنيا ئۈچۈن بۈگۈن سەنمۇ بىر ياخشىلىق قىل» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر