ئوكتاي شىمالىي قىبرىس قۇرۇلغانلىقىنىڭ 38 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىملىرىغا قاتنىشىدۇ

مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 38 - يىللىق خاتىرە كۈنىنى تەبرىكلەش مۇراسىملىرىغا قاتنىشىش ئۈچۈن 15 – نويابىر كۈنى پايتەخت لەفكوشاغا يېتىپ بارىدۇ.

1733401
ئوكتاي شىمالىي قىبرىس قۇرۇلغانلىقىنىڭ 38 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىملىرىغا قاتنىشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوكتاي، مۇراسىملار دائىرىسىدە، لەفكوشا ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىغا گۈلچەمبىرەك قويىدۇ، ئارقىدىن پاراتتىن ئۆتۈش مۇراسىمىغا ئىشتىراك قىلىدۇ.

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى ئەرسىن تاتار تەرىپىدىن، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 38 – يىللىق خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن بېرىلىدىغان زىياپەتكە قاتنىشىدىغان ئوكتاي، بەزى مۇئەسسەسەلەرنى ئاممىۋى ھالدا ئىشقا كىرىشتۈرۈش مۇراسىملىرى دائىرىسىدە، 500 ياتاقلىق دۆلەت دوختۇرخانىسىنى تونۇشتۇرۇش، يېڭى گىرنە ھەربىي دوختۇرخانىسى  قۇرۇلۇشى، ئىسكەلە – چايىرئوۋا يولىنىڭ 9 – كىلومېتىرلىق بۆلىكى، يېزا يوللىرى لايىھەسى دائىرىسىدە تاماملغانغان 25 كىلومېتىرلىق يېزا يولى، تۈرك-ئىسلام ئىلىم-پەن تارىخى كۆرگەزمىسى قاتارلىقلارنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر