نىلۈفەر ئورال ب د ت خەلقئارا قانۇن كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا قايتا سايلاندى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەلقئارا قانۇن كومىتېتىنىڭ ئەزالىق سايلىمىدا، 2017-يىلدىن بۇيان خەلقئارا قانۇن كومىتېتىنىڭ ئەزاسى سۈپىتىدە ۋەزەپە ئۆتەپ كېلىۋاتقان دوكتور نىلۈفەر ئورال قايتا سايلاندى.
1733422

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا قانۇن كومىتېتىنىڭ 2023 – يىلدىن 2027 – يىلغىچە ۋەزىپە ئۆتەيدىغان ئەزالىرى، تۈنۈگۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىدا ئۆتكۈزۈلگەن سايلام ئارقىلىق بېكىتىلدى.
سايلامدا، 2017-يىلدىن بۇيان خەلقئارا قانۇن كومىتېتىنىڭ ئەزاسى سۈپىتىدە ۋەزەپە ئۆتەپ كېلىۋاتقان دوكتور نىلۈفەر ئورال قايتا سايلاندى.
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «دوكتور نىلۈفەر ئورال، خەلقئارا قانۇن ساھەسىدىكى مول بىلىمى ۋە تەجرىبىسى ئارقىلىق خەلقئارا قانۇن كومىتېتىنىڭ پائالىيەتلىرىگە داۋاملىق قىممەتلىك تۆھپىلەرنى قوشىدۇ، بۇ سايلامنىڭ نەتىجىسى، خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ دۆلىتىمىزگە بولغان ئىشەنچىسىنىڭ نامايەندىسىدۇر.»