ئەردوغان گىرېتسىيەنىڭ ئامېرىكانىڭ بازىسىغا ئايلانغانلىقىنى ئېيتتى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدە رەسمىي دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان ۋېنگىرىيە باش مىنىستىرى ۋىكتور ئوربان بىلەن جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە بىرلىكتە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

1732949
ئەردوغان گىرېتسىيەنىڭ ئامېرىكانىڭ بازىسىغا ئايلانغانلىقىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان باش مىنىستىر ۋىكتور ئوربان بىلەن خەلقئارالىق ۋە رايونلۇق مەسىلىلەردە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ سودا ئومۇمىي سوممىسىنى 3 مىليارد دوللاردىن 6 مىليارد دوللارغا چىقىرىشنى نىشان قىلغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

ئۇ: «تۈركىيە-ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئەھمىيىتىنى، بولۇپمۇ بىزنى زۆرۈر تېپىلغاندا ھەر دائىم قوللاۋاتقان ھۆرمەتلىك ئوربانغا، ۋېنگىرىيەگە شەخسىي نامىم ۋە خەلقىم نامىدىن تەشەككۈر ئېيتىمەن. ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش مۇساپىسىدە قىلغان كۈچلۈك ياردەملىرى ئۈچۈن ھەر دائىم ئەسلەيمەن، ئەسلەشنى داۋاملاشتۇرىمەن. قاراشلىرىمىزنىڭ ئىتتىپاقلىق ئىچىدە چۈشىنىلىشى ئۈچۈن قىلىۋاتقان ياردەملىرىنىڭ تېخىمۇ كۈچلەنگەن ھالدا داۋاملىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى.

ئۇ گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرياكوس مىچوتاكىسنىڭ باياناتلىرىنى تەنقىدلەپ، سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى:

«5 مىليونغا يېقىن مۇساپىرنى دۆلىتىدە كۈتۈۋاتقان، ئۇلارغا ساھىبخانلىق قىلىۋاتقان بىر دۆلەتكە <مۇساپىرلار مەسىلىسىنى تۈركىيە كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ> دېيىش، تۇزكورلۇقتۇر. ئەگەر بىز ئىشىكلىرىمىزنى ئاچىدىغان بولساق، گىرېتسىيەنىڭ نېمە قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن. ئەگەدە، ئاقدېڭىزدا مۇساپىرلارنىڭ يەل قولۋاقلىرىنى تېشىپ، ئۇلارنى ھەممىدىن كۆپ ئۆلۈمگە ئىتتىرىۋاتقان دۆلەت گىرېتسىيە. قولىمىزدا تولۇق ئىسپات بار. ئامېرىكا گىرېتسىيەنىڭ دەدەئاغاچ رايونىدا ھەربىي بازا قۇردى. گىرېتسىيە ھرازىر ئامېرىكانىڭ بازىسىغا ئايلاندى.»

باش مىنىستىر ۋىكتور ئوربان ئامېرىكانىڭ تۈركىيەگە كۆچمەنلەر مەسىلىسىدە ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە كۆپ ياردەم قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر